10
پەرىشتە ۋە كىچىك ئورام يازما 
 1 ئاندىن كېيىن، ئەرشتىن چۈشۈۋاتقان يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇت بىلەن يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. چىرايى قۇياشقا، پۇتلىرى ئوت تۈۋرۈككە ئوخشايتتى؛■ مات. 17:2؛ ۋەھ. 1:15.   2 قولىدا بىر كىچىك ئېچىقلىق ئورام يازما بار ئىدى. ئۇ ئوڭ پۇتىنى دېڭىز ئۈستىگە، سول پۇتىنى قۇرۇقلۇققا قويۇپ تۇرۇپ،  3 شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى. ئۇ ۋارقىرىغاندا، يەتتە گۈلدۈرماما ئۆز ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتىپ سۆز قىلدى. 
 4 يەتتە گۈلدۈرماما سۆز قىلغاندا، دېگەنلىرىنى خاتىرىلىۋالماقچى بولۇپ تۇراتتىم. بىراق ئاسماندىن: ــ 
«يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۆھۈرلەپ، ئۇلارنى خاتىرىلىمە» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم.□  «يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۆھۈرلەپ، ئۇلارنى خاتىرىلىمە» ــ دېمەك، بۇ سۆزلەرنى مەخپىي تۇت.  ■ دان. 8:26؛ 12:4.   5 دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، مەن كۆرگەن ئۇ پەرىشتە ئوڭ قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ،■ دان. 12:7.   6 ئاسمانلار ھەم ئۇلاردا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەر-زېمىن ھەم ئۇنىڭدا بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى، دېڭىز ھەم ئۇنىڭدا بولغان ھەممىسىنى ياراتقۇچى، يەنى ئەبەدىلئەبەدگىچە ھايات ياشىغۇچى بىلەن قەسەم قىلىپ: 
ــ ۋاقىت يەنە كەينىگە سۈرۈلمەيدۇ؛■ ۋەھ. 11:15.   7 بەلكى يەتتىنچى پەرىشتە كاناي چېلىش ئالدىدا، يەنى ئاۋازى ئاڭلىنىش ئالدىدىكى كۈنلەردە، خۇدانىڭ ئۆز قۇل-خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگىنىدەك ئۇنىڭ سىرى تۈگەللىنىپ، ئەمەلگە ئاشىدۇ، ــ دېدى. 
 8 مەن ئاسماندىن ئاڭلىغان ئاۋاز ماڭا يەنە سۆزلەپ: 
ــ بېرىپ، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان پەرىشتىنىڭ قولىدىكى ئېچىقلىق ئورام يازمىنى ئالغىن، دېدى. 
 9 مەن بېرىپ، پەرىشتىنىڭ كىچىك ئورام يازمىنى ماڭا بېرىشىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا: 
ــ بۇنى ئېلىپ يە! ئاشقازىنىڭنى زەرداب قىلىدۇ، بىراق ئاغزىڭ ھەسەلدەك تاتلىق بولىدۇ، دېدى.□  «...بۇنى ئېلىپ يە! ئاشقازىنىڭنى زەرداب قىلىدۇ، بىراق ئاغزىڭ ھەسەلدەك تاتلىق بولىدۇ» ــ كۆچمە مەنىسى «ساڭا ئاۋۋال بىرخىل خۇشاللىق يەتكۈزىدۇ، لېكىن كېيىن يۈرىكىڭنى ئېچىشتۇرىدۇ» دېگەندەك بولىدۇ. «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «ئەز.» 6:2-3:3.  ■ ئەز. 3:1.  
 10 مەن شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم؛ دەرۋەقە ئاغزىمغا ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى، لېكىن يېگەندىن كېيىن ئاشقازىنىم زۆرداب بولدى. □  «مەن شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم...» ــ «ئورام يازمىنى يېيىش» بىزنىڭچە يۇھاننا مەزمۇنىنى يەتكۈزۈشى كېرەك بولىدىغان، تۆۋەندىكى 11-19-بابلاردىكى بېشارەتلەر بىلەن باغلىق. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇ توغرۇلۇق توختىلىمىز.  11 شۇنىڭ بىلەن ماڭا: 
ــ سەن كۆپ مىللەتلەر، ئەللەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغانلار ۋە پادىشاھلار توغرىسىدىكى ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەنە جاكارلىشىڭ لازىم، دېيىلدى. 
■10:1 مات. 17:2؛ ۋەھ. 1:15.
□10:4 «يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى مۆھۈرلەپ، ئۇلارنى خاتىرىلىمە» ــ دېمەك، بۇ سۆزلەرنى مەخپىي تۇت.
■10:4 دان. 8:26؛ 12:4.
■10:5 دان. 12:7.
■10:6 ۋەھ. 11:15.
□10:9 «...بۇنى ئېلىپ يە! ئاشقازىنىڭنى زەرداب قىلىدۇ، بىراق ئاغزىڭ ھەسەلدەك تاتلىق بولىدۇ» ــ كۆچمە مەنىسى «ساڭا ئاۋۋال بىرخىل خۇشاللىق يەتكۈزىدۇ، لېكىن كېيىن يۈرىكىڭنى ئېچىشتۇرىدۇ» دېگەندەك بولىدۇ. «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «ئەز.» 6:2-3:3.
■10:9 ئەز. 3:1.
□10:10 «مەن شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم...» ــ «ئورام يازمىنى يېيىش» بىزنىڭچە يۇھاننا مەزمۇنىنى يەتكۈزۈشى كېرەك بولىدىغان، تۆۋەندىكى 11-19-بابلاردىكى بېشارەتلەر بىلەن باغلىق. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇ توغرۇلۇق توختىلىمىز.