130
130-كۈي •••• ئازابلىق پەرياد 
 1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» 
چوڭقۇر يەرلەردىن ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ 
 2 ئى رەب، ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛ 
قۇلاقلىرىڭنى يېلىنىش سادايىمغا سالغايسەن؛ 
 3 ئەگەر سەن ياھ، قەبىھلىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ سانىساڭ، 
ئەمدى رەب، كىم تىك تۇرالايدۇ؟■ زەب. 143:2 
 4 بىراق سەندە مەغپىرەت-كەچۈرۈم باردۇر؛ 
شۇڭا سەندىن ئەيمىنىشكە بولىدۇ.■ 2سام. 24:14 
 5 پەرۋەردىگارنى كۈتۈۋاتىمەن؛ 
جېنىم كۈتۈۋاتىدۇ؛ 
ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈمىد باغلىدىم.■ زەب. 27:14؛ 40:1؛ 62:1؛ ھاب. 2:3 
 6 تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، 
بەرھەق، تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق، 
جېنىم رەبكە تەشنا بولۇپ كۈتمەكتە.■ زەب. 5:3؛ 119:147؛ 123:1، 2 
 7 ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاڭلار؛ 
چۈنكى پەرۋەردىگاردا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت باردۇر؛ 
ئۇنىڭدا زور نىجاتلىقلارمۇ بار؛ 
 8 ئۇ ئىسرائىلنى بارلىق قەبىھلىكلىرىدىن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزىدۇ.