75
75-كۈي •••• ئادىل سوراقچى خۇدا 
 1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ 
ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئى خۇدا، تەشەككۈر ئېيتىمىز! 
چۈنكى نامىڭ بىزگە يېقىندۇر؛ 
بۇنى، قىلغان كارامەتلىرىڭ ئىسپاتلاپ جاكارلايدۇ. 
 2  مەنكى پەرۋەردىگار: ــ «مەن بېكىتكەن ۋاقىتنى ئىختىيارىمغا ئالغىنىمدا، 
ئادالەت بىلەن سوراق قىلىمەن؛ 
 3 يەر ھەم يەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تەۋرىنىپ تۇرسىمۇ، 
ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى تۇرغۇزغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن» ــ دېدى. 
سېلاھ. 
 4 ماختانغانلارغا: ــ «ماختانماڭلار»، 
ھەم رەزىللەرگە «مۈڭگۈزۈڭنى كۆتۈرمە» ــ دېدىم؛ □  «مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە» ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتى ياكى كۈچ-قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆسكەن مۈڭگۈز ئەمەس، ئەلۋەتتە! 
 5  «مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە؛ 
بوينۇڭنى قاتتىق قىلىپ غادىيىپ سۆزلىمە!» 
 6 چۈنكى كۆتۈرۈلۈش شەرقتىن ياكى غەربتىن ئەمەس، 
ياكى جەنۇبتىنمۇ كەلمەيدۇ؛ □  «... جەنۇبتىن ئەمەس» ــ ياكى «(جەنۇبتىكى) چۆل-باياۋاندىن ئەمەس». 
 7 چۈنكى خۇدا سوتچىدۇر؛ 
ئۇ بىرسىنى كۆتۈرىدۇ، بىرسىنى چۈشۈرىدۇ. 
 8 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ تۇرىدۇ؛ 
ئۇنىڭدىكى شاراب كۆپۈكلىشىۋاتىدۇ؛ 
ئۇ ئەبجەش شاراب بىلەن تولدى؛ 
خۇدا ئۇنىڭدىن تۆكىدۇ؛ 
دەرۋەقە يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەر ئۇنىڭ دۇغىنى قويماي ئىچىۋېتىدۇ؛ 
 9 مەن بولسام، مەڭگۈگە گۇۋاھلىق بېرىمەن: ــ 
ياقۇپنىڭ خۇداسىغا كۈيلەرنى ئېيتىمەن. 
 10 «مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ 
بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!».□  «مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!» ــ سۆزلىگۈچى (مۇشۇ 10-ئايەتتە) خۇدانىڭ ئۆزى ياكى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھ بولسا كېرەك. 
□75:4 «مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە» ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتى ياكى كۈچ-قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆسكەن مۈڭگۈز ئەمەس، ئەلۋەتتە!
□75:6 «... جەنۇبتىن ئەمەس» ــ ياكى «(جەنۇبتىكى) چۆل-باياۋاندىن ئەمەس».
□75:10 «مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!» ــ سۆزلىگۈچى (مۇشۇ 10-ئايەتتە) خۇدانىڭ ئۆزى ياكى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھ بولسا كېرەك.