3
پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ 
 1 چۈنكى مانا، شۇ كۈنلەردە، شۇ پەيتتە، 
مەن يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگىنىمدە، 
 2 مەن بارلىق ئەللەرنىمۇ يىغىپ، 
ئۇلارنى «يەھوشافات جىلغىسى»غا چۈشۈرىمەن؛ 
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خەلقىمنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتكەنلىكىدىن، 
زېمىنىمنى بۆلۈپ پارچىلىۋەتكەنلىكىدىن، 
ئۇلارنى ئاشۇ يەردە مېنىڭ مىراسىم، يەنى خەلقىم ئىسرائىل تۈپەيلىدىن سوراققا تارتىمەن.
□  3 ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى دوغا تىكىپ چەك تاشلىغان؛ 
بىر يىگىتنى بىر پاھىشە ئايالغا ئالماشتۇرغان، 
بىر قىزنى «شاراب ئىچىمىز» دەپ شاراب ئۈچۈن ئالماشتۇرغان. 
 4 ھەي، تۇر ھەم زىدون، فىلىستىيەنىڭ بارلىق رايونلىرى، مەن سىلەرنى نېمە قىلىپتىمەن؟ 
سىلەر مەندىن ئۆچ ئالماقچىمۇسىلەر؟ 
(بىراق مەندىن ئۆچ ئالىمىز دېسەڭلار، ئۆچنى تېزلا ئۆز بېشىڭلارغا قايتۇرۇپ بېرىمەن!)
□  5 كۈمۈشلىرىم، ئالتۇنلىرىمنى بۇلىۋالغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، 
گۈزەل گۆھەرلىرىمنى ئۆز بۇتخانىلىرىڭلارغا ئاپارغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، 
 6 يەھۇدا بالىلىرى ھەم يېرۇسالېمنىڭ بالىلىرىنى ئۆز چېگراسىدىن يىراق قىلماق ئۈچۈن ئۇلارنى گرېكلارغا سېتىۋېتكىنىڭلار تۈپەيلىدىن، 
 7 مانا، مەن ئۇلارنى سىلەر سېتىۋەتكەن جايدا ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن، 
ھەمدە قىلغىنىڭلارنى ئۆز بېشىڭلارغا قايتۇرىمەن. 
 8 ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەھۇدا بالىلىرىنىڭ قولىغا سېتىۋېتىمەن، 
ئۇلار شۇلارنى يىراقتىكى بىر ئەلگە، يەنى شابىيالىقلارغا سېتىۋېتىدۇ؛ 
چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان.
□    
پەرۋەردىگار «يەھوشافات جىلغىسى»دا بارلىق ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمىنى چىقىرىدۇ 
 9 شۇنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاڭلاركى، 
«جەڭگە تەييارلىنىڭلار، 
پالۋانلارنى قوزغاڭلار، 
جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى يېقىنلاشسۇن، 
جەڭگە ھازىر بولسۇن؛ 
 10 ساپان چىشلىرىنى قىلىچ قىلىپ، 
ئورغاقلىرىڭلارنى نەيزە قىلىپ سوقۇشۇڭلار؛ 
ئاجىز ئادەممۇ: «مەن كۈچلۈك» دېسۇن؛ 
 11 ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەر، تېزدىن كېلىڭلار، 
ھەممىڭلار شۇ يەرگە جەم بولۇڭلار!». 
«ئۆزۈڭنىڭ كۈچلۈكلىرىڭنى ئاشۇ يەرگە چۈشۈرگەيسەن، ئاھ پەرۋەردىگار!»
□    
 12 «ئەللەر قوزغىلىپ «يەھوسافات جىلغىسى»غا كەلسۇن؛ 
چۈنكى مەن شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەرنى سوراققا تارتىمەن. 
 13 ئورغاقنى سېلىڭلار، 
چۈنكى زىرائەت پىشتى؛ 
كېلىڭلار، چۈشۈپ چەيلەڭلار، 
چۈنكى شاراب كۆلچەكلىرى لىق تۇشۇقتۇر، 
ئىدىش-كۈپلەر تولۇپ تاشىدۇ. 
چۈنكى ئۇلارنىڭ رەزىللىكى زوردۇر»
□  ■  14 ئاھ، نۇرغۇن، نۇرغۇن كىشىلەر «قارار جىلغىسى»دا! 
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى «قارار جىلغىسى»غا يېقىنلاشتى. 
 15 قۇياش ھەم ئاي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، 
يۇلتۇزلار ئۆز جۇلاسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ.
■  16 پەرۋەردىگار زىئوندىن ھۆركىرەيدۇ، 
يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ 
ئاسمانلار، زېمىنلار سىلكىنىدۇ؛ 
لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە باشپاناھ، 
ئىسرائىل بالىلىرىغا كۈچ-ھىمايە بولىدۇ. 
   
پەرۋەردىگار زىئوننى ئۆز ماكانى قىلىدۇ 
 17 شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى، 
ئۆز مۇقەددەس تېغىم زىئوندا تۇرىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر؛ 
يېرۇسالېم پاك-مۇقەددەس بولىدۇ، 
ئۇنىڭدىن ھېچ يات ئادەملەر يەنە ئۆتمەيدۇ.
□  ■  18 ھەم شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، 
تاغلار يېڭى شارابنى تېمىتىدۇ، 
دۆڭ-ئېگىزلىكلەردىن سۈت ئاقىدۇ، 
يەھۇدادىكى بارلىق ئېرىق-ئۆستەڭلەردە لىق سۇ ئاقىدۇ؛ 
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن بىر بۇلاق چىقىدۇ، 
شىتتىم جىلغىسىنى سۇغىرىدۇ.
□  ■  19 مىسىر بولسا بىر چۆللۈك، 
ئېدوم ئادەمزاتسىز بىر چۆل-باياۋان بولىدۇ، 
ئۇلارنىڭ يەھۇدا بالىلىرىغا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن، 
ئۇلار بۇلارنىڭ زېمىنىدا بىگۇناھ قانلارنى تۆككەنلىكى تۈپەيلىدىن. 
 20 بىراق يەھۇدا مەڭگۈگە تۇرىدۇ، 
يېرۇسالېم دەۋردىن-دەۋرگىچە قالىدۇ؛ 
 21 ھەم مەن ئۇلارنى تۆككەن قانلارنىڭ پاكلاندۇرۇلمىغان گۇناھلىرىدىن پاكلاندۇرىمەن؛ 
چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوندا ماكانلاشقاندۇر.